دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى رۇس ۋاكسىنىسى «سىپۇتنىك V»نى باھالاش خىزمىتىنى كېچىكتۈردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ كوۋىد-19 غا قارشى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاكسىنىسى سىپۇتنىك V نى باھالاش خىزمەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا مۇتەخەسسىسى دوختۇر مارىئانگېلا سىماۋ تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، سىپۇتنىك V نىڭ جىددىي ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 7-مارت ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان رۇسىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، «باھالاش زىيارىتىنىڭ يېڭى ۋاقتىنىڭ ئەڭ قىسقا ئىچىدە بېكىتىلىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى سىپۇتنىك V نىىڭ جىددىي ئىشلىتىلىشىنى تەستىقلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
جىددىي ئىشلىتىلىشى تەستىقلانغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك V ۋاكسىنىسى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش پىروگراممىسى COVAX غا كىرگۈزۈلەتتى.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىشىدىن كېيىن، موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قارشى جازالار يۈرگۈزۈلگەنىدى.