ئىسرائىلىيەدە دۆلەت ئورگانلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئائىت بىر قىسىم رەسمىي تور بېكەتلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالدى.

1795504
ئىسرائىلىيەدە دۆلەت ئورگانلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Haaretz› گېزىتى» نىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەنبەسى نامەلۇم  تور ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، ئىچكى ئىشلار، سەھىيە، ئەدلىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ رەسمىي تور بېكەتلىرى تاقىلىپ قالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىسرائىلىيەدە ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى بولۇپ، «تور ھۇجۇمى بىر دۆلەت ياكى تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان» دەپ قارالماقتا ئىكەن، ئەمما بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىمنىڭ قولىنىڭ بارلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، تور ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر