رۇسىيە ئۇكرائىنادا چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۇرۇۋاتقان جايلىرىنى بىلىمىز، ئۇ يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىمىز» دېدى.

1795672
رۇسىيە ئۇكرائىنادا چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن دونباستىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنانىڭ 145 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 1298 دانە تانكىسى ۋە ھەر خىل بىرونىۋىكى، 124 دانە راكېتا ئاتارى، 469 زەمبىرەك ۋە مىنامىيوتى، 1047 ھەربىي ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادا چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بەزى غەرب دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ ياللانما ئەسكەر بولۇپ ئۇكرائىناغا بېرىشىنى دۆلەت سەۋىيەسىدە تەشۋىق قىلماقتا.  بۇ چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزىنىڭ دۆلەتلىرى جاۋابكار بولىدۇ. بارلىق چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇۋاتقان جايلىرىنى بىلىمىز. ئۇ يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىمىز.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرا شەرقتىن ئۇكرائىناغا بېرىپ رۇسىيە تەرەپتە جەڭ قىلىدىغان ياللانما ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش رايونىغا يەتكۈزۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت كونترول مەركىزىنىڭ باشلىقى مىخائىل مىزىنتسېۋ ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى تۇرالغۇلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ۋە ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەھەرگە ئاپتوبۇسلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىخائىل مىزىنتسېۋ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 22 دۆلەتتىن كەلگەن 6 مىڭ 972 چەت ئەل پۇقراسىنى گۆرۈدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر