كرېمىل: ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ

رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان سۆھبەت توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما سۆھبەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1795915
كرېمىل: ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ «رۇسىيە بىلەن بولغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ياكى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىمزالىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئۇلارنىڭ (ئۇكرائىنا) مۆلچەرى، بىز ئالدىراپ مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر سۆھبەتلەرنىڭ قەيەرگە بېرىپ توختايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلۈرگەن پېسكوۋ: «مېنىڭچە مۇشۇنداق ئەھۋالدا سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىدىن ئىبارەت رېائاللىقمۇ ئىجابىي» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغان؛ ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ھۇجۇمدىن كېيىن  4 قېتىم سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىدا ئولتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر