تەيۋەننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى ئارال دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تەيۋەنگە تەۋە مىراج 2000 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئارالنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.

1795117
تەيۋەننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى ئارال دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن ئاگېنتلىقى «CNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى تەيتۇڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقان مىراج 2000 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان مەشىق جەريانىدا مېخانىكىلىق كاشىلا چىقىپ، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئورۇندۇقنى ھاۋاغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ قالغانلىقى، ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن دېڭىزدىن ئېلىنغان ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئورنى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر