مىچوتاكىس تۈركىيە زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئاساس سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىستانبۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئاساس سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1794838
مىچوتاكىس تۈركىيە زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئاساس سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىستانبۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئاساس سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كىرياكوس مىچوتاكىس فەنەر رۇم پاترىكى بارسولومېيوس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشى ئۈستىدە توختالغان.

ئۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ناتوغا ئەزا ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئورتاق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتىمىز. بىزنى ئايرىيدىغان مەسىلىلەردىن بەكرەك بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان بۇ مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىشىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

كىرياكوس مىچوتاكىس ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىجابىي كۈنتەرتىپ شەكىللەندۈرۈشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىمىزدىكى ئايلاردا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز دەپ ئويلايمەن. ھەممە ئىش جايىدا بولغاندا، كۈز پەسلىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنى گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا دەرھال مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئەردوغان بىلەن ئىنتايىن ئوچۇق-يورۇق ۋە سەمىمىي كۆرۈشۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى، بولۇپمۇ ھازىرنىڭ دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىزغا ئاساس ياراتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن يەنە ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز بۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر