ياۋروپا رەھبەرلىرى بېقىندىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە بېقىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

1794309
ياۋروپا رەھبەرلىرى بېقىندىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى فىرانسىيەدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيەگە بېقىنىشچانلىقنى ئازايتىش ۋە پۇختا ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىش»نىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋېرساي خىتابنامىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنى يالغۇز قويمايدىغانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

28- فېۋرال ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا يولىدا مېڭىشىنىڭ يېقىندىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مولداۋىيە بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى توغرىسىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىدىن پىكىر تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«رۇسىيە قوزغىغان ئۇرۇش ياۋروپا تارىخىدىكى تىك يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىشنى شەكىللەندۈرمەكتە» دېيىلگەن باياناتتا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، شۇنداقلا بېقىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ قارارلار «مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيتىلىشى»، «ئېنېرگىيەگە بولغان تايىنىشچانلىقنى ئازايتىش» ۋە «تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىش» دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر