بايدىن: ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتىك قانات پالاتا ئەزالىرىنىڭ فىلادېلىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا ئۇكرائىناغا ئايروپىلان ئەۋەتىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

1794308
بايدىن: ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتىك قانات پالاتا ئەزالىرىنىڭ فىلادېلىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنانى زۆرۈر بولغان مۇداپىئە ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ يەرگە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئايروپىلان ۋە تانكىلارنى ئەۋەتىشنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفوندا كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «(رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ناتونى پارچىلىيالايمەن، دەپ ئويلىدى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى، غەربنى پارچىلىيالايمەن، دەپ ئويلىدى، بىراق ئۇتۇققا ئېرىشەلمىدى» دېدى.

جو بايدىن، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى شېرىكلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پۇتىنغا ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ھەمدە رۇسىيەنى يالغۇزلاشتۇرغانلىقىنى، رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازالارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت بايدىن، ئۇكرائىنانى زۆرۈر بولغان مۇداپىئە ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھايات – ماماتلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن پۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز 5 – ماددىدا كۆرسىتىلگەن مەسئۇلىيىتىمىزگە ئاساسەن، ناتو زېمىنلىرىنىڭ ھەر بىر سانتىمېتىرىنى قوغدايمىز، ئەمما ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرمەيمىز. ناتونى  ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئارىلاشتۇرۇش غەلىبە ھېسابلانمايدۇ. نۆۋەتتە قولىمىزىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى قىلىۋاتىمىز، ئەمما ئىچىدە ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى ۋە خادىملىرى بولغان ئايروپىلان، تانكا ۋە پويىزلارنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنىڭ ئۆزىلا ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىن ئامېرىكادا يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۆرلەپ كەتكەن نېفىت باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ جاۋابكارىنىڭمۇ پۇتىن ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر