ئۇكرائىنادا ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ب د ت ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئىشغالى سەۋەبىدىن ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە يامانلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1793792
ئۇكرائىنادا ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغان 24-فېۋرالدىن بۇيان 1.9 مىليون كىشىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۇرت-كانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە غەربتىكى لۋىۋ شەھىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2.3 مىليون كىشىنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىليوننىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىخەتەر كارىدورلارغا ئېھتياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارغا ياردەم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 1.7 مىليارد دوللارنىڭ 109 مىليون دوللىرىنىڭ يىغىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارغا ياردەم ئۈچۈن 1.1 مىليارد دوللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر