ئامېرىكا ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىكى تەجرىبىخانىلىرىدا بىيولوگىيەلىك قورال ياسىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەر رەت قىلىندى.

1793885
ئامېرىكا ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئىستىخبارات ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياساشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە جاۋاب بەردى.

مەزكۇر ئەمەلدار كىيېۋدا بىيولگىيەلىك قوراللار كېلىشىمى رامكىسىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان بەش تەجرىبىخانا بارلىقىنى، بۇ تەجرىبىخانىلاردا، ۋاكسىنا، داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش ۋە كېسەللىكلەرنى بايقاش قاتارلىق تەتقىقاتلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، بۇ تەجرىبىخانىلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كوللېكتىپ تەھدىتلەرنى ئازايتىش پىروگراممىسىنىڭ ئۇكرائىناغا سالغان مەبلىغىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ پىروگرامما رامكىسىدا 2005-يىلدىن تارتىپ ئۇكرائىنادا سەھىيە مۇئەسسەسەلىرى، تەجرىبىخانىلار ۋە دىياگنوز قويۇش مەركەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا 200 مىليون دوللار مەبلەغ سالدۇق. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كوللېكتىپ تەھدىتلەرنى ئازايتىش پىروگراممىسى، ئۇكرائىنادا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تارقالغاندىن (1991) كېيىن، سوۋېتنىڭ پارچىسى بولغان دۆلەتلەردىكى ئەينى ۋاقىتتا قانۇنسىز ياسالغان بىيولوگىيەلىك قوراللارنى يوقىتىش دائىرىسىدە خىزمەتلىرىنى باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكرائىنادا ياكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانىلىرى يوق» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكانى «ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك قورال ياساش بىلەن ئەيىبلىشى» نىڭ، «ساختا بايراق ھەرىكىتى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتونىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئۇكرائىنادا بىيولوگىيەلىك ھەمدە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى رەت قىلدى.

رۇسىيە مەسئۇللىرى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن بىيولوگىيەلىك ماتېرىياللار تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 10-مارت) ئانتاليادا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئونلارچە ھەربىي بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانىسى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىزنى ئەندىشەلەندۈرمەكتە. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب تەلەپ قىلىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر