رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى ۋىليام بۇرنس، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈردى.

1793708
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى ۋىليام بۇرنس، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا مىقياسىدىكى تەھدىتلەر» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا جايلاردا خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ئۇنى ئۇكرائىنادىمۇ ئىشلىتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇرنس، نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئۇرۇشنىڭ پۇتىننىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمغىانلىقىنى، ئۇچۇ ئۇرۇشىدا «پۇتىننىڭ يېڭىلىپ قالغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى، رۇسىيەنىڭ «ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىدىغان ياكى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «(خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش) رۇسىيە قوللانغان تاكتىكىلارنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ قوراللارنى ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى ئىشلەتكەن، ھېچ بولمىغاندا سۈرىيەدە ئۇنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بەرگەن. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋىليام بۇرنىس: «ئۇكرائىنانىڭ ئەمەس، رۇسىيەنىڭ قولىدا خىمىيەلىك قوراللار بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر