ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئىلاۋە ئېمبارگولارنى تەستىقلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيە دېڭىزچىلىق ساھەسى، بەزى ئەمەلدارلار ۋە ئولىگارخلار بىلەن ئۈچ بېلارۇسىيە بانكاسىنى سۋىفت (SWIFT) (خەلقئارالىق بانكا تورى) تىن چىقىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئېمبارگولارنى تەستىقلىدى.

1792562
ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئىلاۋە ئېمبارگولارنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىرانسىيەنىڭ رەسمىي تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ تەستىقلانغانلىقى؛ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدا رول ئوينىغان بەزى رۇسىيەلىك ئەمەلدارلار، ئولىگارخلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى كەلتۈرۈلىدۇ.

بېلارۇسىيەنىڭ ئۈچ بانكاسى سۋىفتتىن چىقىرىلىدۇ.

كرىپتو پۇللارنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا قارشى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.

بەزى مەھسۇلات ۋە تېخنولوگىيەلەرنى رۇسىيەگە ئەۋەتىش چەكلىنىدۇ.

رۇسىيە دېڭىزچىلىق ساھەسىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۈچ ئېمبارگو پىلانى بار.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى پۇل-مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، قاتناش-تىرانسىپورت، ئېكسپورت كونتروللۇقى ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە. ئېمبارگو رامكىسىدا، رۇسىيەنىڭ يەتتە بانكاسى سۋىفتتىن چىقىرىلدى. رۇسىيە مەركىزى بانكاسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى پۇللىرى توڭلىتىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تونۇلغان ئولىگارخلار، ژۇرنالىستلار، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە كىشى ھەمدە ئونلارچە ئىدارە-ئورگانلار ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر