ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى
ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، 24 - فېۋرالدىن 7 - مارتقىچە بولغان جەرياندىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 12 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى قازا قىلغان. ئىشغال جەريانىدا يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 48 ئايروپىلانى، 80 تىك ئۇچارى، 303 تانكىسى، 1036 بىرونېۋىك ئاپتوموبىلى، 120 زەمبىرىكى، 56 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، 27 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 474 ماشىنىسى، 3 يېنىك تىپلىق كاتېرى، 60 يېقىلغۇ تولۇقلاش ماشىنىسى ۋە 7 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلىپ قالغان.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.