ئېكۋاتوردا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئېكۋادورنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 7 ئادەم قازا قىلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.

1791549
ئېكۋاتوردا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور تاراتقۇلىرى، گۇاياگۇئىل شەھىرىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر توپ كىشىنىڭ  ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە ئىككى نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 7 كىشىنىڭ نەق مەيدانغا قازا قىلغانلىقىنى، 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئېكۋادور تەپتىش مەھكىمىسى، ۋەقە توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى  باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر