ئانتونى بلىنكېن: ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرىلەر تاماملىنىش باسقۇچىدا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرەلەر مەسىلىسىنىڭ تاماملىنىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1790770
ئانتونى بلىنكېن: ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرىلەر تاماملىنىش باسقۇچىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ «CBS» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان يادرو مۇزاكىرەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئانتونى بلىنكېن مۇزاكىرەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تاماملىنىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن ئانتونى بلىنكېن، ھازىرمۇ خىزمەت قىلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر