رۇسىيە تۋىتتېر ۋە فېيسبۇكنى زىيارەت قىلىشنى چەكلىدى

رۇسىيە فېدېراتسىيە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، فېيسبۇكنىڭ رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئايرىمچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1790227
رۇسىيە تۋىتتېر ۋە فېيسبۇكنى زىيارەت قىلىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېيسبۇكنىڭ رىئا نوۋوستى، بۈگۈنكى رۇسىيە ۋە سپۇتنىك قاتارلىق رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى چەكلىگەنلكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيە تۇپراقلىرىدا فېيسبۇكقا كىرىشنى چەكلەش قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ يەنە بىر باياناتىدا، رۇسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  24- فېۋرالدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەۋەلىكىدە twitter.com ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشكە چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەدە توپىلاڭ كۆتۈرۈش چاقىرىقلىرى، ئەسەبىي پائالىيەتلەر، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىقلارغا چاقىرغان تور بېكەتلەرنىڭ زىيارەت قىلىنىشىنى چەكلەش قارارىنىڭ، ئۇچۇر، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى قەيت  قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر