ئۇكرائىنا ياردەم قىلىنغان قوراللارنى تاپشۇرۇۋالدى

گېرمانىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئەۋەتكەن قورال-ياراغلارنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1789114
ئۇكرائىنا ياردەم قىلىنغان قوراللارنى تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە د پ ئا  (DPA) ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن نەقىل ئالغان بىر خەۋىرىدە، گېرمانىيە ئەۋەتكەن قوراللارنىڭ ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى باياناتچىسى كرىستىنا روتسى (Christina Routsi) گېرمانىيە ۋەدە بەرگەن قورال-ياراغلارنىڭ ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇلۇپ-تاپشۇرۇلمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرمىدى.

گېرمانىيە د پ ئا  ئاگېنتلىقىنىڭ ئىقتىساد مىنستىرلىقىدىن نەقىل ئالغان يەنە بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا 2 مىڭ 700 دانە ئايروپىلان ئاتار ئەۋەتىشنى تەستىقلىغان.

خەۋەردە، مەزكۇر قوراللارنىڭ گېرمانىيەنىڭ دۆلەت خەلق ئارمىيەسى   (NVA) نىڭ قولىدىكى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا ياسالغان ئايروپىلان ئاتارلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 26-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا 1000 دانە تانكا ئاتار ۋە 500 سچىنگېر (Stringer) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

گېرمانىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ھەربىي پولات قالپاق ئەۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتكەن 200 سچىنگېر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قوشقاندا، جەمئىي يۈزلەرچە سچىنگېر ھاۋا قوغدىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئەۋەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى كونگرە ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا يۈزلەرچە سچىنگېر ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى ئەۋەتكەنلىكىنى، پەقەت مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا بۇ خىل قوراللاردىن 200 دانە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىراق، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) ئۇكرائىناغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قوغدىنىش قوراللىرىنى ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلسىمۇ، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن يىراق تۇرماقتا.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىمۇ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگارىتا روبلېس  «3-ئانتېنا» تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىناغا دەسلەپكى قەدەمدە تانكىغا قارشى ئاتىدىغان 1370 قول بومبىسى، 700 مىڭ پاي ئوق ۋە ئاپتوماتىك مىلتىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ: «قوراللارنىڭ دەسلەپكى قىسمى جۈمە كۈنى (4-فېۋرال) ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن پولشانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى بىر نۇقتىغا ئەۋەتىلىدۇ ۋە شۇ يەردە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسپانىيە ئەۋەتىدىغان قوراللارنىڭ، «قورال ئېتىش تەجرىبىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان كىشىلەرمۇ ئاتالايدىغان، كىشىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى مەقسەت قىلىنغان قوراللار» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ ئىشغالى بىلەن ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەر كۈنى ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك شېرىكى بولغان رادىكال سول ئىدىيەگە ئىگە « ئۇنىداس پودېموس» پارتىيەسى، ئۇكرائىناغا قورال ياردەم قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش مىنىستىر پېدرو سانچېزنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر