ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيەگە تاقىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1786665
ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيەگە تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە تاقاش قارارىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قارار ئولىگارخلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ: «ياۋروپادا كرېمىلنىڭ ئاخبارات ماشىنىلىرىنى چەكلەيمىز. رۇسىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى بولغان <بۈگۈنكى رۇسىيە> ۋە <سپۇتنىك> نىكلارنىڭ تارماق شىركەتلىرىنىمۇ چەكلەيمىز. ئەمدى پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى توغرا قىلىش ئۈچۈن دەۋاتقان يالغانلىرىنى تارقىتالمايدۇ» دېدى.

ئۇ بېلارۇسىيەگىمۇ يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر بىلەن، رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مۈلۈكلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر