زېلېنىسكى رۇسىيە بىلەن ئىستانبۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 شەھەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى سۇندى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان بېلارۇسىيەنىڭ ئورنىغا، رۇسىيە بىلەن ئىستانبۇل، ۋارشاۋا، باكۇ، براتىسلاۋا ياكى بۇداپېشت قاتارلىق 5 شەھەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

1786313
زېلېنىسكى رۇسىيە بىلەن ئىستانبۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 شەھەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېكىتىلىدىغان شەھەر ھەققىدە توختالغاندا،  سۆھبەت ئۈچۈن مىنسك شەھىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، رۇسىيەنىڭ تاللىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن 4 كۈن بۇرۇن بېلارۇسىيە تېرروتېرىيەسىدىن ئۇكرائىناغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئايروپىلان، تىك ئۇچار ۋە تانكىلارنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆي – ماكانلارنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىيېۋغا 4 كۈن ئىلگىرى خۇددى 1941 – يىلقىغا ئوخشاشلا شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 4 تە ھۇجۇم باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۇخلىدىڭلار، ئەمما بىز ئويغاندۇق، نۆۋەتتە بىز ياتماتۋاتىمىز، ئېلىمىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز.»

ئۇكرائىناغا بېلارۇسىيە تېرروتېرىيەسىدىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مىنسك شەھىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان زېلېنىسكى، بېلارۇسىيە تەرەپسىز پوزىتسىيە تۇتقان مەزگىلدە كۆپ قېتىم مىنسكتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى، بېلارۇسىيەدە بۈگۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بېلارۇسىيە مۇھىم قارارىنى تېخى چىقارغىنى يوق، بۇنداق قارارنى چىقىرىش، نە، رۇسىيە، نە ئۇكرائىنا، نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەمەس، پەقەت بېلارۇسىيە خەلقىگىلا باغلىقتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىز ئەلۋەتتە تىنچلىقنى خالايمىز، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،  دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان بېلارۇسىيەنىڭ ئورنىغا، رۇسىيە بىلەن ئىستانبۇل، ۋارشاۋا، باكۇ، براتىسلاۋا ياكى بۇداپېشت قاتارلىق 5 شەھەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى موسكۋاغا سۇندۇق، تېرروتېرىيەلىرىدىن دۆلىتىمىزگە بومبىلار قويۇپ بېرىلمىگەن ھەرقانداق بىر دۆلەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن سۆھبەت سەمىمىيەت ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ، ئۇرۇشقىمۇ خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.»

كىرېمىل سارىيى  باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇكرائىنالىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاش ئۈچۈن بېلارۇسىيەنىڭ گومېل شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

پېسكوۋ، ئۇكرائىنالىق ۋەكىللەر بىلەن بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگۈسى سۆھبەت  ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ ھەقتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان رۇسىيە ھەيئىتى، ئۇكرائىنالىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاش ئۈچۈن بېلارۇسىيەنىڭ گومېل شەھىرىگە يېتىپ باردى. دەرۋەقە، بىز گومېل شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاشقا تەييارمىز، ھازىر بىز ئۇكرائىنالىقلارنى كۈتۈۋاتىمىز.»

رۇسىيە، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر