زېلېنسكىي قاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ: «بىز قورال تاشلىمايمىز، ۋەتىنىمىزنى قوغدايمىز» دېدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مېنىڭ (رۇس قىسىملىرىغا) قورال تاپشۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىم يالغان، بىز قورال تاشلىمايمىز» دېدى.

1785902
زېلېنسكىي قاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ: «بىز قورال تاشلىمايمىز، ۋەتىنىمىزنى قوغدايمىز» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنادىن قېچىپ كەتكەنلىكى، ئەسكەر ۋە ئاممىنى قورال تاشلاشقا چاقىرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «خەيرلىك سەھەر، ئۇكرائىنالىقلار! ھازىر مېنىڭ قورال تاشلاشقا چاقىرغانلىقىم توغرىسىدا نۇرغۇن يالغان خەۋەرلەر تارقىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە، قوراللىرىمىزنى تاشلىمايمىز، ۋەتىنىمىزنى قوغدايمىز. قوراللىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقىتىمىزدۇر، ھەقىتىمىز بولسا، بىزنىڭ زېمىنىمىز، دۆلىتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزدۇر؛ بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايمىز. مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم بۇ، ياشىسۇن ئۇكرائىنا» دېدى.

زېلېنسكىي فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «شېرىكلىرىمىزدىن قورال ۋە لازىمەتلىكلەر كېلىۋاتىدۇ. ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ئاكتىپ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ« ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»  ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، زېلېنسكىنىڭ رۇسىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايتەخت كىيېۋدىن ئايرىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما زېلېنسكىينىڭ ھازىرغىچە بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، دۆلىتىنىڭ بېشىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زېلېنسكىي تۈنۈگۈن ئەتىگەندە بەرگەن باياناتىدا، رۇسلارنىڭ 1- نومۇرلۇق زەربە بېرىش نىشانىنىڭ ئۆزى، 2 - نومۇرلۇق نىشاننىڭ ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ۋەتىنىنى قوغداش ۋەزىپسىىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

رۇسىيە 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر