رۇسىيە: غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قايتىش مۇمكىن بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلاپ قالدۇق

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدىن قوغلىنىشى توغرىسىدا توختالدى.

1786015
رۇسىيە: غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قايتىش مۇمكىن بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلاپ قالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدىن قوغلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قايتقىلى بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالدۇق» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، ياۋروپا كېڭىشى تۈنۈگۈن قارار چىقىرىپ، رۇسىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

مارىيا زاخاروۋا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قاتناشقان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قايتقىلى بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلىشىپ قالدۇق. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار بىز يوق بىر يەردە بىزنىڭ ھەققىمىزدە سۆزلىشىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز قاتناشماي تۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ بىزسىز كۈنتەرتىپى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ رۇسىيەگە بولغان تۈگىمەس ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى ئاشكارىلاندى» دېدى.

زاخاروۋا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدىمۇ بايانات بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىش قارارىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «پۇتىن ياكى لاۋروۋنىڭ ئەنگلىيە بانكىلىرىدا ھېساباتى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر