ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ 2800 ئەسكىرى، 80 تانكىسى، 10 ئايروپىلانىنى يوقاتتۇق

ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 516 بروۋنىك ماشىنا، 7 تىك ئۇچار، 10 ئايروپىلان، 2800 دىن ئارتۇق ئەسكەر، 80 دانە تانكا ۋە 20 دانە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى يوقاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1785675
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ 2800 ئەسكىرى، 80 تانكىسى، 10 ئايروپىلانىنى يوقاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندالىق ئىشتابىنىڭ فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللارنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ 516 بروۋنىك ماشىنىسى، 7 تىك ئۇچار، 10 ئايروپىلان، 2800 دىن ئارتۇق ئەسكەر، تەخمىنەن 80 تانكا ۋە 20 چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ يوقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانى ۋالېرىي زالۇجنىي، ئودېسسانىڭ پىۋدېننىي پورتىغا 12 مىل كېلىدىغان جايدىكى مولداۋىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر يېقىلغۇ تولۇقلاش پاراخوتىنىڭ رۇسىيە پاراخوتى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تۈنۈگۈن ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر