رۇسىيە: فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى «ئېغىر ئاقىۋەتلەر»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

رۇسىيە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «ئاقىۋەتلىرى»نىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1785791
رۇسىيە: فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى «ئېغىر ئاقىۋەتلەر»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختالدى.

باياناتچى مارىيا زاخاروۋا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى بەدىلىگە بەرپا قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ھەربىي تەشكىلات بولغان ناتوغا ئەزا بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ئېغىر سىياسىي - ھەربىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر