پۇتىن مودىغا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادا ھەربىي ھەرىكەت باشلاش قارارىنى، ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن ھەربىي جەھەتتىن سۈيىئىستېمال قىلىنىشى سەۋەبىدىن چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

1785062
پۇتىن مودىغا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، پۇتىن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، نېمە ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قارارىنى چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

پۇتىن سۆھبەت تېمىسى ئۇكرائىنا ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتكە كەلگەندە، كىيېۋنىڭ دونباستىكى پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان مىنسك كېلىشىمىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى قارارشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ بۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا ۋە يەنە كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى رۇسىيە ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەربىي جەھەتتىن سۈيىئىستېمال قىلىشى سەۋەبىدىن ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش قارارىنى چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر