لۇكاشېنكو بېلارۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر لۇكاشېنكو، بېلارۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1784497
لۇكاشېنكو بېلارۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇكاشېنكو مۇستەقىللىق سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن جىددىي يىغىن ئاچتى؛ بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇكرائىنا چېگراسىنىڭ بېلارۇسىيە قوللىغان رۇس ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان لۇكاشېنكو: «بىزنىڭ ھەربىي قىسىملىرىمىز (ئۇكرائىنادىكى) بۇ ھەرىكەتكە قاتناشمىدى» دېدى.

لۇكاشېنكو، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنانى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قان تۆكۈلۈش ۋە ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنى مىنىسكىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان لۇكاشېنكو: «بىز سىلاۋىيانمىز، ئۈچ سىلاۋىيان خەلقىمىز. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەقدىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك كەلگۈسىنى بەلگىلىەيلى. ئەگەر مەن (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىي بولغان بولسام، بۇ (پىكىر)نى ياقلايتتىم. (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن، <بىز تاجاۋۇزچى ئەمەس، بىز ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلمايمىز> دەۋاتىدۇ. سىلەرگە يەنە نېمە لازىم؟ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر