ياپونىيە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەپەرەست بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش ھۆكۈمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى بىر قاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1783459
ياپونىيە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش رايونلارنىڭ رەسمىي مەسئۇللىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر رايونلارغا قارىتا ئىمپورت ۋە ئېكسپورتنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ياپونىيەدە رۇسىيەنىڭ زايوم سودىلىرىنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى» نى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تىرىشچانلىقلارغا قايتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر