ئاۋستىرالىيە رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سەككىز ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئاۋستىرالىيە رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سەككىز ئەزاسىغا ۋە بەزى ئورگانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1783588
ئاۋستىرالىيە رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سەككىز ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەپەرەست بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش ھۆكۈمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولار مۇزاكىرە قىلىنغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، چىقىرىلغان قارارلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئاۋستىرالىيەنىڭ رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سەككىز ئەزاسىغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە مالىيە ئېمبارگولىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلش ھەرىكىتىنى باشلىدى. رۇسىيە دۆلەت بانكاسى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق باشقا بانكالارغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ» دېدى.

ئۇ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئېمبارگولارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بۆلگۈنچى رايونلىرى بولغان دونېتسك ۋە لۇخانسكتا تېلېكوم، نېفىت، گاز ۋە ھەربىي قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە مەبلەغكە ئېرىشىۋاتقان ئورگانلارغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر