ئۇكرائىنا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ دونېتسك ۋە لۇگانىسك رايونلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.
1783741
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، 30 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇ مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ مۇددەتنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى، دونېتسك ۋە لۇگانىسك رايونلىرىنىڭ جىددىي ھالەت قارارى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.