ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى

سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇنەيترا شەھىرىدە بەزى ھەربىي نۇقتىلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1783457
ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA» نىڭ ھەربىي مەنبەدىن نەقىل قىلغان خەۋەرىدە، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 00:30 دە كۇرەيترا ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىغا تەۋە بەزى ھەربىي نۇقتىلارغا قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا ماددى زىيان كېلىپ چىقققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي نۇقتىلاردىنىن باشقا يەنە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە ھىزبۇللاغا تەۋە  ھەربىي بازىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 17 – فېۋرالدا دەمەشىق ئەتراپىغا ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارغا ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي نۇقتىلارغا پات-پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى ئومۇمەن سۈرىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر