ئىمران خان بۈگۈن موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بۈگۈن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
1783594
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن ئىسلامئاباد ئايرودۇرۇمىدىن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان ئىمران خاننىڭ زىيارىتى سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان 1999-يىلى 4 – ئايدىكى رۇسىيە زىيارىتىدىن بۇيانقى تۇنجى باش مىنىستىر دەرىجىلىك زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.