ۋېنېزۇئېلا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى باياناتلىرىنى قوللىدى.

1783556
ۋېنېزۇئېلا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ۋېنېزۇئېلا پۇتىننى ۋە رۇسىيەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. بىز دۇنيانىڭ جەسۇرانە ۋە توغرا دەۋالىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىن ئىتتىپاقلىشىمىز. ئامېرىكا بىلەن ناتو رۇسىيەنى ھەربىي يوللار بىلەن ئاجىزلاتماقچى بولۇۋاتىدۇ، رۇسىيە رايوندا تىنچلىقنى قوغداۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يۇرى بورىسوۋنى پايتەخت كاراكاستا كۈتۈۋالغاندا: «ۋېنېزۇئېلا ھەر قاچان پۇتىن بىلەن، رۇسىيە بىلەن، رۇسىيە خەلقى بىلەن بىرگە» دېگەن ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 21-فېۋرال (2022) ئاتالمىش «دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى» ئېتىراپ قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر