پۇتىن: ئۇكرائىنا ناتوغا كىرىشتىن ۋاز كېچىپ، قىرىمنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئۇكرائىنانىڭ، ناتوغا كىرىشتىن ۋاز كېچىپ، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1783347
پۇتىن: ئۇكرائىنا ناتوغا كىرىشتىن ۋاز كېچىپ، قىرىمنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئۇكرائىنانىڭ، ئۇكرائىنا — رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشنىڭ ئورنىغا بىتەرەپلىكنى ساقلاپ، قىرىمىڭ قوشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پۇتىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 2014-يىلى ئىمزالانغان مىنسك كېلىشىمىنىڭ ئۇكرائىنا كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، ئىناۋەتسىز بولۇپ قالغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ مۇساپىدە ئاكتىپ رول ئوينىيالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شۇڭلاشقا، بىزنىڭ دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز قالمىدى. شۇنداق، نۆۋەتتە مىنسىك كېلىشىمى دەيدىغان بىر نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بىز بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى.

پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «غەرب دۆلەتلىرىدىكى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈۋالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، ھازىرقى كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىپ بىتەرەپلىكنى ساقلاپ قېلىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، «ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قىرىم ۋە سېۋاستوپولدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش قارارىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر