ئامېرىكا رۇسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئۆز پۇقرالىرىنى رۇسىيەدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ئاگاھلاندۇردى.

1782087
ئامېرىكا رۇسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىغا پايتەخت موسكۋا ۋە سانت پېتىربۇرگ شەھەرلىرىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

باياناتتا، «ئاخبارات مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، سودا سارايلارغا، پويىز ۋە مېترو بېكەتلىرىگە موسكۋا ھەمدە سانت پېتىربۇرگنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىغا، شۇنداقلا روسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىدا جىددىيچىلىك ئەۋج ئالغان رايونلاردىكى ئاممىۋى يىغىلىش سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىنىش خەۋپى بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىغا خۇسۇسىي بىخەتەرلىك پىلانلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە تايانماستىن مۇستەقىل تارقاقلىشىش پىلانلىرىنىڭمۇ بولۇشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا مەسئۇللىرىغا قارىتا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «بۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاق قاناللار ئارقىلىق رۇسىيەلىك كەسپداشلىرىڭىزغا يەتكۈزدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز، بىز بۇلارنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر