پۇتىن بىلەن ماكرون مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

پۇتىن بىلەن ماكرون ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن نورماندىيە فورماتىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئىزدىنىشلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىنى قارار قىلدى.

1782126
پۇتىن بىلەن ماكرون مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشتى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا، پۇتىن بىلەن ماكروننىڭ ئۇكرائىنا ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «تېلېفون سۆھبىتىدە، دونباستىكى ئالدىنقى سەپنىڭ تۇيۇقسىز يامانلىشىشى توغرىسىدا چوڭ ئەندىشەلەر تىلغا ئېلىندى. پۇتىن جىددىيچىلىكنىڭ يامانلىشىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ «نامدا مۇزاكىرە مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما مىنسك كېلىشىملىرى ۋە نورماندىيە فورماتىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە ئېلسى سارىيىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ماكرون بىلەن پۇتىن نورماندىيە فورماتى رامكىسىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى كۈنلەردە سۇنغان تەكلىپلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ماكرون بىلەن پۇتىن گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تۆت تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىشتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر