گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.

1781568
گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە پۇقرالىرىنى ئۇكرائىناغا بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەن تەقدىردە، گېرمانىيە پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇسىيە ھەربىي مەۋجۇتلۇقى يۈزىسىدىن ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، «ھەر ۋاقىت ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى»غا دائىر قاراشلارغا ئورۇن بېرىلدى.

بۇ جەريانىدا، گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى — لۇفتانسا، 21-فېۋرالدىن تارتىپ كىيېۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىركەتنىڭ باياناتىدا، 21 – فېۋرالدىن 28 – فېۋرالغىچە بولغان جەريانىدا ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا بارىدىغان ۋە ئۇ يەردىن كېلىدىغان بارلىق ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىك «ساياھەت» ئاگاھلاندۇرۇشىنى يېڭىلىدى.

ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىنىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، ئۇكرائىنانىڭ شىمالى ۋە شەرقىي چېگرا رايونلىرىغا بارماسلىق ۋە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ دەرھال ئايرىلىشى تەۋسىيە قىلىندى.

فىرانسىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالىرىنىڭ ئۇ يەردىن ئايرىلىشىنى، پىلانلانغان، ئەمما زۆرۈر بولمىغان ئۇكرائىنا ساياھەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر