ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سېرگىي كىسلىتسيا، دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1780793
ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىسلىتسيا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىدىغان بولسا، دۆلىتىنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىن قىلىش»قا دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ «توقۇلما، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلان قىلىنغان» باياناتلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سېرگىي كىسلىتسيا، ئۇكرائىنانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيەنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان كىسلىتسيا: «بىز رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەكىللەردە كۆرۈشۈشكە تەييارمىز» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف، موسكۋانىڭ كىيېۋدىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم سىگنال تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەلەپلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز كىيېۋدىن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئەمما كىيېۋ ھەر قېتىم <نېمىشقا؟، نېمە مەقسەتتە؟> دىن ئىبارەت ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب بەرمىدى» دېدى.

كىيېۋنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ «پەقەت دونباس مەسىلىسىنىلا مۇزاكىرە قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پېسكوۋ: «بىز، دونباس مەسىلىسىنى دونباسلىقلار بىلەن دېيىشىڭلار، بىزدىن سورايدىغان باشقا سوئالىڭلار بارمۇ؟ دەۋاتىمىز. ئەمما، جاۋاب يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر