كانادادا ئىسپانىيە پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، 7 كىشى قازا قىلدى ۋە 14 كىشى يوقاپ كەتتى

كانادانىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولغان نيۇفونلاندلاند-لابرادور دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسپانىيەنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 7 كىشى قازا قىلغان.

1779362
كانادادا ئىسپانىيە پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، 7 كىشى قازا قىلدى ۋە 14 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <CTV News> قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىللا دې پىتانكو ئىسىملىك ​​50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بېلىقچىلىق پاراخوتى شىددەتلىك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۆكۈپ كەتكەن.

ۋەقەدە 7 بېلىقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە پاراخوتتىكى ئۈچ بېلىقچى بىر قۇتقۇزۇش كاتېرى بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

شىددەتلىك دولقۇنلۇق دېڭىزدا يوقاپ كەتكەن باشقا 14 بېلىقچىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 3 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 2 ئايروپىلان ۋە 1 قۇتقۇزۇش پاراخوتى سەپەرۋەر قىلىنغان.  

چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 24 پاراخوت خادىمىدىن 16 نەپىرىنىڭ ئىسپانىيەلىك، 5 نەپىرىنىڭ پېرۇلىق ۋە 3 نەپىرىنىڭ گانالىق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر