كامېروندا خولېرا يۇقۇمى قايتىدىن ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى
كامېروندا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 35 كىشى قازا قىلدى.
1779522
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 1224 بېمارنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، يۇقۇمنىڭ 3 رايونىدا كۆرۈلگەنلىكى ۋە جەمئىي 35 كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2021-يىلى يانۋاردا كامېروننىڭ غەربىي ۋە لىتتورال رايونىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن يۇقۇمدىمۇ 5 كىشىنىڭ قازا قىلغان ئىدى.