پېنتاگون: پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارىنى چىقارغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز

جون كىربي، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارىنى چىقارغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1778741
پېنتاگون: پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارىنى چىقارغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربي، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقىنى، ئەمما پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارىنى چىقارغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جون كىربي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن رايونلار ۋە بېلارۇسىيەدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

جەنۇبتىمۇ بىر قىسىم ھەرىكەتلىنىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن كىربي، رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزدىكى قىسىملىرىنىڭمۇ بەزى مانېۋىرلارنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ھەربىي ھەرىكەتلىنىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، پۇتىننى تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھېلىھەم دىپلوماتىيەگە ئورۇن بارلىقىنى بىلدۈرگەن كىربي، بىر سوئالغا جاۋابەن: «بىز يەنىلا (تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك)ئاخىرقى قارارنىڭ  چىقىرىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمما بىز ھۇجۇمنىڭ ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەستىنلا ھەر ئان باشلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوخشاش بولمىغان ئورگانلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇپ كەلدۇق، دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىربي: «سىلەر (ئامېرىكا) دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا (20-فېۋرال) ھۇجۇمنىڭ باشلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاڭلىدىڭلار. بەلكىم بۇ ھەپتە بولۇشى مۇمكىن. بىز قولىرىمىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇكرائىنا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر