بايدىن بىلەن جونسون ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، دىپلوماتىيە كۆزنىكىنى ئوچۇق قويۇشنى قارار قىلدى.

1778704
بايدىن بىلەن جونسون ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسى ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى  توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بورىس جونسون بىلەن جو بايدىننىڭ باشقا رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ يېڭى سۆھبەتلىرى ھەققىدە بىر - بىرىگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «(رەھبەرلەر) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تەھدىتلىرىدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك كۆزنەكنى داۋاملىق ئوچۇق قالدۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىناغا يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىشنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بىر كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەم رۇسىيە ھەمدە دۇنياغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «(رەھبەرلەر)، رۇس تاجاۋۇزچىلىقى كۈچىيىپ كەتكەن تەقدىردە، غەربلىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئېغىر جازا يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كېلىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇس گازىغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئېھتىياجىنى قايتا تەكىتلىدى، بۇ ئىش رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە كۈچلۈك زەربە بېرىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر