موسكۋا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەربنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
موسكۋا، «رۇسىيە ھەر ئان ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن» دېگەن قاراشقا جاۋاب بېرىپ، «غەرب دۆلەتلىرى ئەمەلدارلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئۇكرائىنا ئەتراپىدىكى سۈنئىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىش سۇيىقەستى باشلىدى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئەھمىيەتسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، موسكۋاغا قارشى ئۆزئارا ماس ھالدا ئۇچۇر ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلماقتا. غەرب دۆلەتلىرى ئەمەلدارلىرى بىلەن تاراتقۇلىرى ئۇكرائىنا ئەتراپىدىكى سۈنئىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىش سۇيىقەستىنى باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، بۈگۈن كەچتە (12 - فېۋرال شەنبە) ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.