بلىنكېن: ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەتلىك دىققىتىنى ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا قارىماي، دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دىققىتىنى ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1776660
بلىنكېن: ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەتلىك دىققىتىنى ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئامېرىكادىن تەركىب تاپقان تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈش ئۈچۈن مېلبۇرنغا بارغان ئانتونى بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ئۇكرائىنا - رۇسىيە كىرىزىسى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇ ئەسىرنىڭ ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دىققىتىنىڭ بۇ يەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىنقى 5 يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن ۋە دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى باغرىغا بېسىپ يېتىۋاتقان ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيادىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز رايون ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بلىنكېن، بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، كوۋىد – 19 ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارشى بىرلا دۆلەتنىڭ كۈرەش قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر بلىنكېن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا باش قاتۇرىدىغان، مەبلەغ ئاجرىتىدىغان بىرلەشمە ۋە ئىتتىپاقلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۆت تەرەپ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارس پاينمۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنى تارقىتىش، تور تېخنىكىسى، تېررورلۇق، دېڭىز بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇچۇر بولغىنىشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا ھىندىستانغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاياشى يوشىماسا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بلىنكېننىڭ زىيارىتى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەنپەئەتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر