شىمالىي كورېيە: يەر شارىدا بىزلا ئامېرىكاغا بومبا ئېتىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالالايمىز

شىمالىي كورېيە ھىدروگېن بومبىسى، قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى ۋە دۇنيانى زىلزىلىگە سالالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1775853
شىمالىي كورېيە: يەر شارىدا بىزلا ئامېرىكاغا بومبا ئېتىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيلىكنى كۈچەيتىش خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلىپ: «نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكاغا بويسۇنۇش ۋە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ۋاقىت زايە قىلىۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا، بىز يەر شارىدىكى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەۋەلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق دۇنيانى زىلزىلىگە سالالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت. قولىمىزدا ھىدروگېن بومبىسى، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى «The Hill» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، ۋاشىنگىتوننىڭ پيوڭياڭنى «خەلقئارا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك تۈزۈمىگە تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتكە قارىتا دۈشمەنلىك مۇددىئاسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە پەقەت مۇشۇ يىل (2022) نىڭ ئىچىدىلا يەتتە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپونىيە دېڭىزىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلدى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ھەپتە 2017-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم Hwasong-12 ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

مەزكۇر بومبىنىڭ ئامېرىكانىڭ گۇام رايونىغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر