ئامېرىكا F-35C تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كارل ۋىنسون» ناملىق ئاۋىياماتكىغا قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن F-35C كۈرەشچى ئايروپىلانىنى دېڭىزدىن چىقىرىش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.
1775051
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى F-35C ئايروپىلانىنى دېڭىزدىن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، خىزمەتنىڭ قەيەردىن باشلانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ، فىلىپپىننىڭ غەربىگە 185 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدىكى خىتاي تەرەپ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ چىققان پاراسېل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرى بولغان ۋودى ئارىلىنىڭ شەرقىگە 350 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جايدا قالدۇق ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئايروپىلان قالدۇقلىرىنى دېڭىزدىن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ بۇ رايوندىن باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى.