يەمەندە بىر ژۇرنالىست جېنىدىن ئايرىلدى

يەمەننىڭ غەربىي شىمالىدا ھاججە شەھىرىدە ھۆكۈمەت قىىسملىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى كۆزىتىۋاتقان بىر ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1774355
يەمەندە بىر ژۇرنالىست جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىر ۋەكىلى ئابدۇلباسىت ئەل قائىدى تۋىتتېردا ھاججە شەھىرىدە بىر ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ژۇرنالىست مەرۋان يۇسۇفنىڭ ھاججە شەھىرىگە قاراشلىق ھاراد ناھىيەسىدە توقۇنۇشلارنى ھۆكۈمەت قىىسملىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى كۆزىتىۋاتقاندا، جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەرۋان يۇسۇفنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيەلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ھۇسىيلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ  يەمەن پايتەختى سانائا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۋالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارتتىن تارتىپ، ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھككۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش نۇرغۇن رايونلاردا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 2022-يىلنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىگىچە 377 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا، 126 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زىياننىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر