گېرمانىيە ئۇكرائىناغا قورال بەرمەيدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قورال بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1774412
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا قورال بەرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولان شولز ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن «ئا ر د» (ARD) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئېنىق ئىستراتېگىيە يولغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ناتونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا بولۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «مىسالغا ئېيتساق، بىرىنچى، ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھەربىي ھۇجۇمنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن قانداق ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالايمىز؟ بۇنى ھەر قاچان تەكىتلەپ كەلدۇق. بۇ مەسىلىدە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەممە تەرەپ بىلەن ناھايىتى ئېنىق تەييارلىقلارنى قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ، رۇسىيە بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا 5 مىڭ ھەربىي قالپاق بىلەن قاراڭغۇدا كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرى، سىگنال توسقۇچى ياكى سىمسىز ئاپپارات ئەۋەتىدىغان-ئەۋەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «يىللاردىن بېرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئېنىق يول تۇتۇپ كەلدى. كىرىزىس رايونلىرىغا قورال بېرەلمەيمىز، شۇنداقلا ئۇكرائىنانى ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللار بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز. گېرمانىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەسىلىگە ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش قارايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ كىرىزىس ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ياۋروپادا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆزىنى مەسئۇلىيىتىم بار دەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگولار ئارىسىدا «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «كونكرېت تەييارلىقىمىز بار. ياۋروپادا ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ئامېرىكا بىلەن يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئېمبارگولار ھەققىدە كۆرۈشۈۋاتىمىز. بۇلار زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئېمبارگولار بولىدۇ. ھازىر كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىز ئېمبارگولارنى زۆرۈر ھالغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن بولسىمۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر