پېرۇنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئىستىپا بەردى

پېرۇدا 31-يانۋار ئىستىپا بەرگەن باش مىنىستىر مىرتا ۋاسكېزنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەنگەن ھېكتور ۋالېرمۇ ئىستىپا بەردى.

1774089
پېرۇنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللو كابىنېتنى يېڭىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن باش مىنىستىر ۋاللېر ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللو ھاكىمىيىتىنىڭ 6 - ئېيىدا ئۈچىنچى باش مىنىستىر بولغان ۋالېر، تاراتقۇلارنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە زوراۋان ئوبرازى ياراتقانلىقى ۋە نارازىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەبۇئاتلارغا چىققان خەۋەرلەردە، ۋالېرنى جىسمانىي زوراۋانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئايالى ۋە قىزىنىڭ ساقچىلارغا سۇنغان ئەرزلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ۋالېر 3 - يانۋاردا سابىق باش مىنىستېر ۋاسكېزنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ۋە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر