نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 17 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 17 كىشى قازا قىلدى.

1774055
نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرل قىلىشىچە، ئۆلكىگە قاراشلىق 5 يېزىغا موتسىكلىت بىلەن بېسىپ بارغان قوراللىق كىشىلەر ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغان. ھۇجۇمدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

كاتسىنا ئۆلكىلىك ساقچى باياناتچىسى گامبو ئەيسا قوراللىق ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر