ۋېنېزۇئېلادا نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكالىق ئالتە ئەمەلدارىغا بېرىلگەن قاماق جازاسى جەزملەشتى

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت شىركىتى — PDVSA نىڭ ئامېرىكادىكى شېرىكى Citgo نىڭ ئالتە ئەمەلدارىنى قاماققا ئېلىش ھۆكۈمىنى تەستىقلىدى.

1773910
ۋېنېزۇئېلادا نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكالىق ئالتە ئەمەلدارىغا بېرىلگەن قاماق جازاسى جەزملەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، Citgo يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئېلان قىلدى؛ 2017- يىلى تەكلىپلىك بىر  يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەندىن كېيىن چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان 6 ئامېرىكالىق ئەمەلدارغا بېرىلگەن قاماق جازاسى ھۆكۈمى جەزملەشتى. ئەمما سوت مەھكىمىسى ھازىرغىچە ھۆكۈمنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەرمىدى.

ئۈستىدىن چىقىرىلغان قاماق جازاسى ھۆكۈمى جەزملەشكەن كىشىلەردىن تومې ۋادېلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بايانات بېرىپ: «تومېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ داۋاملىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق» دېدى.

بەش نەپىرى ئامېرىكا پۇقراسى، بىرى ئامېرىكادا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ئىجازىتىگە ئىگە جەمئىي ئالتە ئەمەلدار، «چىرىكلىك» ۋە «دۆلەتكە زىيان يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا ئىدى.

Citgo نىڭ 5 ئەمەلدارىغا 8 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى، قالغان بىرىگە 13 يىللىق قاماق بېرىلگەنىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6 ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ «ناھەق سوتلانغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋېنېزۇئېلالىق بىر سوتچى بىلەن بىر تەپتىش ئەمەلدارىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر