ئامېرىكا ئىيوردانىيەگە «F-16» ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىيوردانىيەگە 4.21 مىليارد دوللار قىممىتىدە «F-16» 70-بلوك تىپلىق ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى ئىيوردانىيەگە «F-16» ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنىڭ تەستىقلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىيوردانىيەگە تەخمىنەن 4.21 مىليارد دوللار قىممىتىدە < F-16 C/D Blok 70> ئايروپىلانى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى» دېيىلدى.
بىلدۈرۈلىشىچە، كونگرەگە سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەن بولۇپ، تىزىملىكتە 12 دانە « F-16 C/D Blok 70» ئايروپىلانى، تۆت دانە «F-16D Blok 70» ئايروپىلانى، بەش دانە زاپاس موتور ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر بار ئىكەن.
باياناتتا، «F-16» سېتىپ بېرىشنىڭ، ئىيوردانىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقى، بىراق رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.